ناتو دۆلەتلىرىنىڭ مۇداپىئە چىقىملىرى ئاشىدۇ

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ 2023 – يىلىدىكى مۇداپىئە چىقىمىنىڭ % 8.3 ئېشىپ، 1 تىرىليون 200 مىليارد دوللاردىن ھالقىيدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

2008664
ناتو دۆلەتلىرىنىڭ مۇداپىئە چىقىملىرى ئاشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو ئېلان قىلغان ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، توققۇز يىلدىن بۇيان مۇداپىئە چىقىمىنى ئۇدا ئاشۇرغان دۆلەتلەرنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئالغان؛ مۆلچەرلىنىشىچە، ئامېرىكانىڭ مۇداپىئە چىقىمى 860 مىليارد دوللارغا يېتىدىكەن.

ناتونىڭ ئىستاتىستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكادىن باشقا ئەزالارنىڭ ئومۇمىي چىقىمى 404 مىليارد دوللارغا يېتىدىكەن، ناتو دۆلەتلىرىنىڭ جەمئىي مۇداپىئە چىقىمى 1 تىرىليون 260 مىليارد دوللاردىن ئاشىدىكەن.

ئامېرىكادىن قالسا، مۇداپىئە ساھەسىگە گېرمانىيە 68 مىليارد دوللار، ئەنگلىيە 65 مىليارد دوللار، فىرانسىيە 56 مىليارد دوللار، ئىتالىيە 31 مىليارد دوللار، پولشا 29 مىليارد دوللار، كانادا 28 مىليارد دوللار چىقىم قىلىدىكەن.

دۆلەت مۇداپىئە چىقىملىرىنىڭ مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدىكى نىسبىتى جەھەتتە پولشا بىرىنچى قاتاردىن ئورۇن ئالدى. مۇداپىئە چىقىمى مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %3.9 كە يەتكەن پولشادىن قالسا، %3.49 گە يەتكەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىككىنچى، %3.01 گە يەتكەن گىرېتسىيە ئۈچىنچى،  %2.73 گە يەتكەن ئېستونىيە  تۆتىنچى ۋە %2.54 كە يەتكەن لىتۋا بەشىنچى قاتاردىن ئورۇن ئالدى.

تۈركىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە چىقىمىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلەيدىغان نىسبىتىنىڭ %1.31 گە يېتىدىغانلىقى، چىقىمىنىڭ 15 مىليارد 800 مىليون دوللاردىن ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.

ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى ناتوغا نىسبەتەن ئىجابىي دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر