ئامېرىكادا پاراخوتقا ئوت كېتىش ۋەقەسىدە 2 ئادەم قازا قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نيۇ جېرسىي ئىشتاتىنىڭ نېۋارك شەھىرىدىكى بىر  پورتتا يۈز بەرگەن ئوتنى ئۆچۈرۈش جەريانىدا 2 ئوت ئۆچۈرگۈچى قازا قىلدى، 5 ئوت ئۆچۈرگۈچى يارىلاندى.

2008444
ئامېرىكادا پاراخوتقا ئوت كېتىش ۋەقەسىدە 2 ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنىڭ باشلىقى ستېۋېن ماكگىل يارىلانغان 5 ئوت ئۆچۈرگۈچىنىڭ داۋالىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

نېۋارك شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئافرىقا ئوتتۇرىسىدا ماشىنا توشۇۋاتقان ئىتالىيە بايرىقى ئاستىدىكى پاراخوتقا تۈنۈگۈن يېرىم كېچىدە ئوت كەتكەنلىكىنى، ئوتنىڭ تاڭ سەھەرگىچە ئۆچۈرۈلەلمىگەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر