شىۋېيېتسارىيەدە ئايرودوروم خادىملىرى ئىش تاشلاپ، ئونلىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان ئەمەلدىن قالدى

شىۋېيېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئايرودوروم خادىملىرى ئىش تاشلىغانلىقى سەۋەبىدىن ئونلىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

2005805
شىۋېيېتسارىيەدە ئايرودوروم خادىملىرى ئىش تاشلاپ، ئونلىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان ئەمەلدىن قالدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى:  شىۋېيېتسارىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، شىۋېيېتسارىيەنىڭ ئەڭ ئاۋات ئىككىنچى ئايرودورومى بولغان جەنۋە ئايرودرومى (GVA) دىكى پاسپورت كونترول قىلىش خادىملىرى ۋە بىخەتەرلىك خادىملىرىدىن تەركىب تاپقان تەخمىنەن 1000  غا يىقىن كىشى ئىش تاشلىغانلىقى سەۋەبىدىن ئايروپىلان قاتنىشى ئاقساپ قالغان.

ئايرودوروم ئىجرائىيە ھەيئىتى بىلەن ئاممىۋى مۇلازىمەت ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى (VPOD) ئوتتۇرىسىدا ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىنمىغانلىقى سەۋەبىدىن ئۈلۈشكۈن ئايرودوروم خادمملىرى شۇ يەرنىڭ ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 04.00 دە ئىش تاشلاشنى باشلاپ، بۈگۈنگە قەدەر ئۇزارتىشنى قارار قىلغان.

ئايرودوروم باشقۇرۇش ئىدارىسى 8 مىڭ يولۇچىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر