پېتتېري ئورپو فىنلاندىيەنىڭ باش مىنىستىرى بولدى

فىنلاندىيە پارلامېنتىدىكى ئومۇمىي سايلامدا بىرىنچىلىكنى قولغا كەلتۈرگەن ۋە بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش مۇزاكىرىلىرىنى باشلىغان مەملىكەتلىك ئىتتىپاق پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى پېتتېري ئورپو باش مىنىستىرلىققا سايلاندى.

2002269
پېتتېري ئورپو فىنلاندىيەنىڭ باش مىنىستىرى بولدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: فىنلاندىيە پارلامېنتىنىڭ يازما باياناتىدا، ئورپونىڭ پارلامېنتتىكى سايلامدا 81 گە قارشى 107 ئاۋازغا ئېرىشىپ، باش مىنىستىرلىققا سايلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

قائىدە بويىچە، ئاۋاز تاشلاش نەتىجىسى پىرېزىدېنت سائۇلى نىنىستوغا سۇنۇلىدۇ. نىنىستو بۈگۈن يېڭى باش مىنىستىر ۋە ھۆكۈمەتنى ۋەزىپىگە تەيىنلەيدۇ.

2007-يىلدىن بۇيان پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەپ كېلىۋاتقان ئورپو 2016-يىلدىن بېرى مەملىكەتلىك ئىتتىپاق پارتىيەسىنىڭ رەئىسى بولغان ئىدى.

فىنلاندىيەدە يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ مەملىكەتلىك ئىتتىپاق پارتىيەسىدىن سەككىز مىنىستىرى، ھەقىقىي فىنلاندىيە پارتىيەسىدىن يەتتە، شىۋېتسىيە خەلق پارتىيەسى ۋە خىرىستىيان دېموكراتلار پارتىيەسىدىن تۆت مىنىستىرى بولۇپ، جەمئىي 19 مىنىستىرى بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر