گىرېتسىيەدە غەرق بولۇپ كەتكەن كۆچمەن كېمىسى قازاسىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى كۆپەيدى

ئۆتكەن ھەپتە گىرېتسىيە دېڭىز تەۋەلكىدە يۈز بەرگەن كۆچمەن كېمىسى قازاسىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 82 گە يەتتى.

2002356
گىرېتسىيەدە غەرق بولۇپ كەتكەن كۆچمەن كېمىسى قازاسىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى كۆپەيدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيەنىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى خەۋەر ئاگېنتلىقى — ئامنا، گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرىنڭ ناۋارىننىڭ 47 دېڭىز مىلى غەربىي جەنۇبىدىن يەنە بىر كىشىنىڭ جەسىتىنى تېپىپ، تېببىي تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن كالاماتاغا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن كۆچمەن كېمىسى قازاسىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئومۇمىي سانىنىڭ 82 گە يەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ باياناتىدا، كۆچمەن كېمىسى قازاسىدىن كېيىنكى ئىزدەش  -  قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى، تۈنۈگۈن (20-ئىيۇن) تېپىلغان ئۈچ كىشىنىڭ جەسىتى قوشۇلۇپ، قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانىنىڭ 81 گە يەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.

تەرتىپسىز كۆچمەنلەر ئولتۇرغان كېمە غەرق بولۇپ كەتكەندىن كېيىن، قانۇنسىز كۆچمەن ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن ئەيىبلىنىپ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان توققۇز مىسىرلىقنى سوراق قىلىش ئىشلىرى ئاخىرلاشتى؛ گۇماندارلار ئۆزلىرىنىڭ بىگۇناھ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلاردىن بىرى باشقا تۆت گۇماندارنىڭ قانۇنسىز كۆچمەن ئەتكەسچىسى ئىكەنلىكىنى پاش قىلدى.

14 – ئىيۇن (2023) گىرېتسىيەنىڭ مورا يېرىم ئارىلىنىڭ ناۋارىنو رايونىغا 47 دېڭىز مىلى يىراقلىقىدىكى خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىدە، تەرتىپسىز كۆچمەنلەرنى ئېلىپ ماڭغان بىر بېلىقچى كېمىسى غەرق بولۇپ كەتكەن بولۇپ، 81 ئادەمنىڭ جەسىتى تېپىلغان، 104 ئادەم قۇتقۇزۇۋېلىنىپ، كالاماتا پورتىغا ئېلىپ بېرىلغانىدى.

ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى «ئالارم فۇن (سىگنال تېلېفونى)»  ئورگىنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قازاغا يولۇققان كېمىدە تەخمىنەن 700 ئادەم بار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر