ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى مەسجىدى ئەقساغا ھۇجۇم قىلىش جەريانىدا ھەممەيلەننى سىرتقا قوغلاپ چىقاردى

ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇسقا جايلاشقان مەسجىدى ئەقساغا ھۇجۇم قىلىش جەريانىدا ناماز ئوقۇۋاتقانلار، مەسئۇللار ۋە مۇھاپىزەتچىلەرنىڭ ھممىسىنى سىرتقا قوغلاپ چىقاردى.

2001905
ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى مەسجىدى ئەقساغا ھۇجۇم قىلىش جەريانىدا ھەممەيلەننى سىرتقا قوغلاپ چىقاردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شاھىتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇسقا جايلاشقان مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەن، ئارقىدىنلا مەسجىدى ئەقسادىكى ناماز ئوقۇۋاتقانلار، فوندى جەمئىيەتلەرنىڭ مەسئۇللىرى ۋە مۇھاپىزەتچىلەرنىڭ ھممىسىنى سىرتقا قوغلاپ چىقارغان.

ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، ساقچىلار فوندى جەمئىيەتلەرنىڭ مەسئۇللىرى ۋە مۇھاپىزەتچىلەرنىڭ قايتىشىغا رۇخسەت قىلغان، ئەمما ھۇجۇمنىڭ سەۋەبى ھەققىدە مەلۇمات  بەرمىگەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى ئىلگىرىكى ھۇجۇملىرىدا مەسجىدى ئەقسادىكى فوندى جەمئىيەتلەرنىڭ مەسئۇللىرى ۋە مۇھاپىزەتچىلەرنى سىرتقا قوغلاپ چىقارمايدىكەن. شۇڭا  ئىسرائىلىيە ساقچىلىرىنىڭ بۇ قېتىم باشقىچە پوزىتسىيە تۇتۇشى قاتتىق نارازىلىق قوزغىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر