خىتاي مۇددەتتىن ئىلگىرىكى ئىسسىق دولقۇننىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىدى

خىتاي ياز پەسلىنىڭ بېشىدا تىنچ ئوكياندا ئەل نىنو ھاۋا بېسىمى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇددەتتىن ئىلگىرىكى ئىسسىق ‏دولقۇننىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىدى.‏

2000994
خىتاي مۇددەتتىن ئىلگىرىكى ئىسسىق دولقۇننىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىدى


تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: خىتاي مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى تىنچ ئوكياندىكى سۇنىڭ ئىسسىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىتقا مۇناسىۋەتلىك ھاۋا بېسىمىنىڭ  خىتاينىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا قاتتىق ئىسسىقلىق ۋە ھۆل-يېغىننى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى.

خىتاينىڭ شىمالىدىكى رايونلاردا ئىسسىقلىق نورمال پەسىل ئۆلچەملىرىدىن ئېشىپ كەتتى.

خىتاينىڭ جەنۇب تەرەپلەرىدە قاتتىق يامغۇر ۋە كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەردى، ئوتتۇرا ۋە شىمالىي رايونلىرىدا بولسا، قاتتىق شامال ۋە قۇيۇن ئاپىتى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشلار ئېلان قىلىندى.

خىتاي مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى ئىسسىقلىق سەۋەبىدىن كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر