بلىنكېن: «24 مىڭدىن ئارتۇق ئافغانىستانلىقنى ئامېرىكاغا ۋە باشقا ئۈچ دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇردۇق»
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن: «بىز 2021-يىلى سىنتەبىردىن بۇيان 24 مىڭدىن ئارتۇق ئافغانىستانلىقنى ئامېرىكاغا ۋە باشقا ئۈچ دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇردۇق» دېدى.
![بلىنكېن: «24 مىڭدىن ئارتۇق ئافغانىستانلىقنى ئامېرىكاغا ۋە باشقا ئۈچ دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇردۇق»](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/d7f3/e811/7f3e/641c0e183e6fc.jpg?time=1718507995)
تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بلىنكېن ئامېرىكا قىسىملىرى 2021-يىلى ئافغانىستاندىن چېكىنگەندىن كېيىن، ئافغانىستانلىق پېشقەدەم ئەسكەرلەر ۋە پۇقرالار تەرىپىدىن قۇرۇلغان <AfganEvac> <ئافغانىستان ئېۋاك> بىرلەشمىسى ئەزالىرى بىلەن كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىدا بىر يەرگە جەم بولدى.
بلىنكېن ئامېرىكا ئارمىيەسى ئافغانىستاندا تۇرغان مەزگىلدە ھەمكارلاشقان ئافغانىستانلىقلارنى بىخەتەر كۆچۈرۈش توغرىسىدا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ: «دۆلىتىمىز، شېرىكلىرىمىز ۋە پۇقرالىرىمىزنىڭ كەڭ قورساقلىقى سايىسىدا، بىز 2021-يىلى سىېنتەبىردىن بۇيان 24 مىڭدىن ئارتۇق ئافغانىستانلىقنى ئامېرىكاغا ۋە باشقا ئۈچ دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇردۇق» دېدى.
ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا، تېخىمۇ كۆپ ئافغانىستانلىقلارنى ئامېرىكاغا ئەكىلىش ۋە ئامېرىكادىكى پۇقرالار جەمئىيىتىگە ماسلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقىنى قوللاپ- قۇۋۋەتلەيدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى باياننامەسى ئېلان قىلىندى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/88fc/55f6/1436/666d338a35568.jpg?time=1718507995)
7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى باياننامەسى ئېلان قىلىندى
50 – نۆۋەتلىك 7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى باياننامە ئېلان قىلىنىش بىلەن ئاخىرلاشتى.