ئاقساراي بايدىننىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ھەققىدە ئۇچۇر بەردى

ئاقساراي چىش داۋالىتىش سەۋەبىدىن بۈگۈنكى خىزمەت پىلانلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1998764
ئاقساراي بايدىننىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ھەققىدە ئۇچۇر بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي باياناتچىسى كارىن ژان پيېر كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى؛ پىرېزىدېنت بايدىننىڭ تۈنۈگۈن (12-ئىيۇن) كەچتە باشلانغان چىش ئاغرىقى سەۋەبىدىن ئاددىي شەكىلدىكى ناركوزلاپ چىش يىلتىزى نەيچىسىنى داۋالاش تەۋسىيەسىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى تىلغا ئالغان پىئېر، پىرېزىدېنتنىڭ چىشىنى ناركوزلاپ داۋالاشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى ئېيتتى.

باياناتچى بايدىننىڭ بۈگۈنكى خىزمەتلىرىنى ئۆز تۇرالغۇسىدا داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

بايدىننىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ بىلەن ئۆتكۈزىدىغان ئۇچرىشىشى ۋە خىزمەت جەدۋىلىدىكى باشقا ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى چىشىنى داۋالىتىشنى باشلىغانلىقى ئۈچۈن كېچىكتۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر