سومالى باش مىنىستىرى: ئەششەبابنىڭ سومالىدىكى ھۇجۇملىرى %70 ئازايدى

سومالى باش مىنىستىرى ھەمزە ئابدى باررە يېقىنقى ئالتە ئاي ئىچىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششاباب ھۇجۇملىرىنىڭ %70 ئازايغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1983106
سومالى باش مىنىستىرى: ئەششەبابنىڭ سومالىدىكى ھۇجۇملىرى %70 ئازايدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باررە سومالى پارلامېنتىدىكى سۆزى جەريانىدا، ئەششابابقا قارشى ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە، تەشكىلاتنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ %70 ئازايغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارنى ئورتاقلاشتى.

سومالى ئارمىيەسىنىڭ ئەششەبابقا قارشى «بىباھا پىداكارلىق» بىلەن كۈرەش قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن باررە، دۆلەتنىڭ بىخەتەر ھالەتكە كېلىشكە باشلىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئەششەباب تەشكىلاتى 2000 – يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ موقدىشۇ ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە.

بىر تەرەپتە سومالى ئارمىيەسى ئەششەبابقا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى، يەنە بىر تەرەپتە، تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششەباب پات – پاتلا ئاھالىلەر رايونلىرى ۋە ھەربىي ئورۇنلارغا ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئەششەباب تەشكىلاتى يەنە سومالىنىڭ قوشنىسى كېنىيەدىمۇ پات - پاتلا تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر