پاكىستان ئىسرائىلىيە بىلەن دىپلومات ياكى سودا مۇناسىۋىتى بارلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى رەت قىلدى
پاكىستان ئىسرائىلىيە بىلەن دىپلوماتىك ياكى سودا مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقى توغرىسىدىكى سۆز - چۆچەكلەرنى رەت قىلدى.
![پاكىستان ئىسرائىلىيە بىلەن دىپلومات ياكى سودا مۇناسىۋىتى بارلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى رەت قىلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/e461/0c11/23b3/63ef626b2a811.jpg?time=1718891052)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مۇمتاز زەھرا بېلۇچ «گېئو خەۋەرلەر» قانىلىغا بايانات بېرىپ، پاكىستاننىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن دىپلوماتىك ياكى سودا مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ ئاساسىسز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «سىياسىتىمىزدە ئۆزگىرىش يوق» دېدى.
پاكىستان سودا مىنىستىرلىقى بايانات ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدىمۇ پاكىستان بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا سودىنىڭ باشلانغانلىقى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنىڭ قارىلاش خاراكتېرلىك تەشۋىقاتتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىندى؛ باياناتتا: «بىزنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن سودا مۇناسىۋىتىمىزمۇ ۋە سودا قىلىشنى باشلاش نىيىتىمىزمۇ يوق» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.
ئامېرىكا يەھۇدىيلار كومىتېتى 30 - مارت بايانات ئېلان قىلىپ، پاكىستان بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا سودىنىڭ باشلانغانلىقىنى، يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرى بېسىلغان تۇنجى پاكىستان پاراخوتىنىڭ ئىسرائىلىيەگە يېتىپ كېلىپ، يۈكلىرىنى چۈشۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.