پۇتىن ۋىيېتنامدا زىيارەتتە بولماقتا

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن شىمالىي كورېيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، تۈنۈگۈن كەچتە ۋىيېتنامغا يېتىپ باردى.

2154448
پۇتىن ۋىيېتنامدا زىيارەتتە بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋىيېتنام پىرېزىدېنتى تو لام رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننى پايتەخت خانويدا دۆلەت مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ كۈتۈۋالدى.

پۇتىن سۆھبەتلەرنىڭ ئاخباراتقا ئېچىۋېتىلگەن قىسمىدا سۆز قىلىپ: «ۋىيېتنام بىلەن ئۇنىۋېرسال ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش مۇھىم ئىشلىرىمىزنىڭ بىرى» دېدى.

پۇتىن ئىقتىساد ۋە سودا ساھەسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭمۇ ياخشىلانغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئىككى تەرەپ سودا سوممىسىنىڭ بۇلتۇر %8 ئاشقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ رۇسىيەنىڭ ۋىيېتنام بىلەن خەلقئارا سەھنىلەردە ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ: «رۇسىيە ۋىيېتنامنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئەزالىرىنىڭ بىرى بولغان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەنكى دىيالوگىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ» دېدى.

تو لاممۇ ئۆزلىرىنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ: «بىز رۇسىيە خەلقىنىڭ ئۆتمۈشتىكى مۇستەقىللىق كۈرىشىمىزدە، دۆلىتىمىزنىڭ قۇرۇلۇش مۇساپىسىدە ھەمدە ھازىرقى تەرەققىيات باسقۇچىدا بىزنى قوللىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالمايمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

رۇسىيەنى ۋىيېتنام دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ مۇھىم مەركەزلىرىنىڭ بىرى دەپ قارايدىغانلىقىنى بايان قىلغان تو لام، پۇتىن بىلەن رۇسىيە بىلەن ۋىيېتنامنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر