شىمالىي كورېيە سۇ ئاستى پاراخوتىدىن ئىككى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەردى

شىمالىي كورېيە ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورېيەنىڭ رايوندا باشلىغان بىرلەشمە ئەركىنلىك قالقىنى مانېۋىرىغا جاۋاب سۈپىتىدە، سۇ ئاستى پاراخوتىدىن ئىككى دانە ئىستراتېگىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەردى.

1958801
شىمالىي كورېيە سۇ ئاستى پاراخوتىدىن ئىككى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئامېرىكا يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيانقى ئەڭ كەڭ كۆلەملىك بىرلەشمە مانېۋىر دەپ تەرىپلەنگەن ئەركىنلىك قالقىنى مانېۋىرىنى باشلىغان ئىدى.

بۈگۈن (13-مارت) شىمالىي كورېيە ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورېيەنىڭ بىرلەشمە مانېۋىرىغا جاۋاب قايتۇردى.

شىمالىي كورېيە «8.24 يوڭگۇڭ» ناملىق سۇ ئاستى پاراخوتىدىن ئىككى دانە ئىستراتېگىيەلىك چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەردى.

شىمالىي كورېيە تەخمىنەن 1500 كىلومېتىر مۇساپىگە يېتىپ بارالايدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ شەرقىي دېڭىزدىكى ئالدىن بېكىتىلگەن نىشانغا مۇۋەپپەقىيەتلىك زەربە بەرگەنلىكىنى، بۇ سىناق ئارقىلىق شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو چېكىندۈرگۈچ كۈچىنىڭ مۇھىم ئامىللىرىدىن بىرى بولغان سۇ ئاستى پاراخوتى قىسىملىرىنىڭ سۇ ئاستى ھۇجۇم ھەرىكەتلىرىدىكى مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ ئىسپاتلانغانلىقىنى تەكىتلىدى.

باياناتتا، «شىمالىي كورېيە خەلق ئارمىيەسى ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي كورېيەنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى توسۇشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى شۇنداقلا يادرو ئۇرۇشىتىىكى چېكىندۈرگۈچ كۈچىنىڭ ئاكتىپ ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر