ئافغانىستاندا بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى بەلخ ۋىلايىتىدە بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى.

1957350
ئافغانىستاندا بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى بەلخ ۋىلايىتىدە ۋالىي مەھكىمىسى بىناسىغا قىلىنغان بومبا ھۇجۇمىدا ۋالىي مۇھەممەد  داۋۇت مۇزەممىل ھاياتىدىن ئايرىلدى.

بەلخ  ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارى باياناتچىسى مۇھەممەد ئاسىف ۋەزىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋالىي مەھكىمىسى بىناسىدا ئۆلكۈزۈلگەن ۋە يەرلىك دائىرىلەرمۇ قاتناشقان مەمۇرىي يىغىن ئەسناسىدا  بومبا ھۇجۇمى يۈز بەرگەن.

ھۇجۇمدا بەلخ ۋالىيسى مۇھەممەد  داۋۇت مۇزەممىل بىلەن يەنە ئىككى پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان،  ھۇجۇمدىن كېيىن تەكشۈرۈش باشلانغان.

شاھىتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇجۇمدىن كېيىن  ۋالىي مەھكىمىسى بىناسىغا قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرى ئەۋەتىلگەن ۋە ئەتراپتىكى يوللار تاقالغان.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچكىم ئۆز ئۈستىگە ئالمىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر