فون دېر لېيېن: پۇتىن بومباردىماننى توختاتسا، سۆھبەتلەر باشلىنىدۇ

ياۋروپا كومىسسىيونى رەئىسى ئۇرسۇلا فون دېر لېيېن، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئۇكرائىنانى بومباردىمان قىلىشنى توختاتقان كۈننىڭ ئەرتىسىلا تىنچلىق سۆھبەتلىرىنى باشلاشقا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2139306
فون دېر لېيېن: پۇتىن بومباردىماننى توختاتسا، سۆھبەتلەر باشلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ سايلام سەپەرۋەرلىك خىزمەتلىرى دائىرىسىدە ئىتالىيەنىڭ پايتەختى رىمدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان فون دېر لېيېن، ئىتالىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىيو تاجانى بىلەن كۆرۈشتى.

ئىتالىيە مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، فون دېر لېيېن ئۇچرىشىشتا، 2022-يىلى 2-ئايدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا توختىلىپ: «ئەگەر پۇتىن بومباردىمان قىلىشنى توختاتسا، ئەرتىسىدىن باشلاپلا تىنچلىق سۆھبەتلىرىنى باشلاشقا بولىدۇ. ئەمما تىنچلىق مۇساپىسىنى ئۇكرائىنالىقلار باشقۇرۇشى كېرەك. بۇنداق قىلىش ئۇلارنىڭ ھوقۇقى» دېگەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىسسىيونى رەئىسى فون دېر لېين، ئۆزلىرىنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن (1939-1945) تىنچلىق تۈزۈمى ئورناتقانلىقلىرىنى، رۇسىيەنىڭ بولسا، ئۇنىڭغا جەڭ ئېلان قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، فون دېر لېيېن ياشلار بىلەن ئۇچرىشىش ئورۇنلاشتۇرغان جايغا يېتىپ چاغدا، 10 كىشىلىك بىر گۇرۇپپانىڭ «نومۇس قىلىڭلار»، «ئەركىن پەلەستىن» دەپ شوئار توۋلاپ، نارازىلىق بىلدۈرۈشىگە ئۇچرىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر