مېكسىكادا <پوپوكاتېپېتل> يانار تېغى پارتلاشنى داۋاملاشتۇرماقتا

مېكسىكادا يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە يانار تېغىدا 7 قېتىم پارتلاش يۈز بەردى.

1949879
مېكسىكادا <پوپوكاتېپېتل> يانار تېغى پارتلاشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: مېكسىكا دۆلەتلىك ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزى (CENAPRED)  تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە پوپوكاتېپېتلدا 7 قېتىم پارتلاش ھەمدە 149 قېتىم گاز ۋە كۈل پۈركۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، يانار تاغنىڭ ئېغىزىدىن چىققان كۈللەرنىڭ ھاۋاغا ئارىلىشىپ، شامالنىڭ تەسىرىدە شىمالغا تارقالغانلىقى، دۆلەتنىڭ شىمالىدىكى ئولتۇراق رايونلاردا يېنىك كۈل يېغىشى مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.  

ئەڭ ئاخىرىقى قېتىم 18-فېۋرالدا 7 قېتىم پارتلاش يۈز بەرگەن بۇ يانار تاغدا، ئالدىنقى قېتىم 13-فېۋرالدىمۇ جەمئىي 18 قېتىم پارتلاش  يۈز بەرگەن ئىدى.

يېقىنقى پارتلاشلارنى قوشقاندا <پوپوكاتېپېتل>  يانار تېغى بۇ يىل جەمئىي 136 قېتىم پارتلىدى.

پوپوكاتېپېتل يانار تېغىنىڭ ھەرىكەتلىرىدە بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئېشىش كۆرۈلگەن ۋە بۇلتۇر 113 قېتىم پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بىر قانچە يىل ئىچىدە چوڭ پارتلاش يۈز بېرىشى مۆلچەرلىنىۋاتقان يانار تاغلار ئارىسىدا <پوپوكاتېپېتل>  يانار تېغى بەشىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر