دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: بۇ مۇسىبەتلىك كۈندە تۈركىيە بىلەن بىللىمىز

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش كاتىپى تېدروس ئادانوم غېبرېيېسۇس دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردا تۈركىيە دائىرىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ خىزمەت ئىشلەيدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1943197
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: بۇ مۇسىبەتلىك كۈندە تۈركىيە بىلەن بىللىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش كاتىپى غېبرېيېسۇس تۈركىيەنىڭ 10 ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، «تەسۋىرلىگۈسىز بۇ ئازابلىق كۈندە بىز تۈركىيە بىلەن بىللىمىز، ھازىر ھەممىمىزنىڭ بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ، ھايات قۇتقۇزۇش ۋە ئازاب-ئوقۇبەتنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىش ۋاقتىدۇر» دېدى.

غېبرېيېسۇس تۈركىيە ۋە سۈرىيەدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 4 مىڭدىن، يارىلانغانلار سانىنىڭ بولسا 22 مىڭدىن  ئېشىپ كەتكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش كاتىپى غېبرېيېسۇس خارابىكلەرنىڭ ئاستىدا قالغانلارنى ئىزدەش - قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ ۋاقىتقا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى، داۋاملىشىۋاتقان قالدۇق يەر تەۋرەش ۋە ناچار قىش شارائىتىنىڭ ئىزدەش - قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرىنى قىيىنلاشتۇرۇۋەتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

غېبرېيېسۇس دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيە ۋە سۈرىيەگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئالاقە تورى ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش ياردەم گۇرۇپپىلىرىنى سەپەرۋەر قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، دۇبەيدىكى ئەشيا ئوبوروت مەركىزىمىزدىن يولغا چىقىدىغان ئۈچ ئايروپىلان ئارقىلىق تۈركىيە ۋە سۈرىيەگە ئوپېراتسىيە ئۈسكۈنىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان داۋالاش ماتېرىياللىرىنى ئەۋەتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر