بايدىن بىلەن زېلېنىسكىي ۋاشىنگتوندا قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىيغا ئىلھام بېرىپ، ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى، ئۇكرائىنا مەۋجۇتلا بولىدىكەن، ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىنانى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1922165
بايدىن بىلەن زېلېنىسكىي ۋاشىنگتوندا قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلىتىگە ئۇرۇش ئاچقان 24 – فېۋرال (2022) دىن بۇيان تۇنجى قېتىم چەت ئەلدە زىيارەتتە بولغان ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدىن ئاقسارايدا ئايرىم سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

بايدىن يىغىندا رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ئۇكرائىنادىكى ھالقىلىق ئۇل- ئەسلىھەلەرنى زەربە ئوبيېكتى قىلىش ئارقىلىق ئۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، ئۇكرائىنا خەلقىنىڭ 300 كۈندىن ئاشقان ئۇرۇش جەريانىدا رۇسىيە ھەمدە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئۆز دۆلىتىگە بولغان مۇھەببىتى ۋە تەۋرەنمەس ئىرادىسىنى نامايان قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ ھازىرغا قەدەر ئۇكرائىناغا قىلغان ياردىمىنى خۇلاسىلەپ ئۆتكەن بايدىن، ۋاشىنگتوننىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇكرائىناغا ياردەم بېرىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «پىرېزىدېنت ئەپەندى، ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئۇكرائىنا ئۇ يەردە تۇرسىلا، بىز ئۇكرائىنانى داۋاملىق قوللايمىز» دېدى.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي سۆز قىلىپ: «ئۇرۇشنىڭ يېقىنقى 30 كۈنىدە، بىز ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزدە يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇپ، ھەقىقىي ئىتتىپاقداشلارغا ئايلاندۇق» دېدى.

بايدىننىڭ ئۇكرائىنانى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتقان زېلېنسكىي، «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنىڭ كىيېۋ ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

ئۇكرائىنا رەھبىرى پۇتىنغا دەيدىغان بىرەر سۆزىنىڭ بار - يوقلۇقى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا: «مەن 2019 – يىلى پىرېزىدېنت بولغان چېغىمدا پۇتىن بىلەن نورماندىيەدە كۆرۈشكەنىدۇق. مەن ئۇنىڭغا دۆلىتىمىزگە ئومۇميۈزلۈك تاجاۋۇز قىلماسلىق كېرەكلىكىنى، ھۇجۇمچى پوزىتسىيەنى توختىتىشى كېرەكلىكىنى، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە دىپلوماتىك ھەل قىلىش چارىسى تېپىپ، دۆلىتىمىزنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنىڭ ساقلىنىشىنى، خۇدا ساقلىسۇن، بىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك بىر ئۇرۇشقا قەدەم بېسىپ قالماسلىقىمىز كېرەكلىكىنى ئېيتقانىدىم. ئۇ <بۇنداق بىر ئىش بولمايدۇ> دېگەنىدى. ئەمما، ئۇ يالغان  ئېيتقانىدى. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇنىڭغا نېمە دېيىشىم مۇمكىن؟!» دەپ جاۋاب بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر