نىگېرىيەدە بىر يېقىلغۇ ئاپتوموبىلى پارتلاپ كەتتى

نىگېرىيەنىڭ كوگى ئىشتاتىدا بىر يېقىلغۇ ئاپتوموبىلى پارتلاپ، دەسلەپكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا 11 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1905038
نىگېرىيەدە بىر يېقىلغۇ ئاپتوموبىلى پارتلاپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە تاشيول بىخەتەرلىك بىرلەشمىسىنىڭ باياناتچىسى بىسى كازىم ئىتوبې-ئانيىگبا تاشيولىدا كونتروللۇقىنى يوقىتىپ قويغان بىر يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ يېقىلغۇ ئاپتوموبىلىغا سوقۇلۇشى نەتىجىسىدە پارتلاش يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا كۆرە، ۋەقەدە 11 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يارىلانغانلىقىنى ۋە يولدىكى 20 ئاپتوموبىلنىڭ كۆيۈپ كەتكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا ۇرغۇن قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكىنى ۋە ئوتنىڭ كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر