رۇسىيە ئىران ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ئىشلەتكەنلىكى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلدى

رۇسىيە ئۇكرائىنادا ئىراننىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ئىشلەتكەنلىكى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلدى.

1894348
رۇسىيە ئىران ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ئىشلەتكەنلىكى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — كىرېمىل باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ پايتەخت موسكۋادا مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، 24-فېۋرالدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان ئۇرۇشتا «رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادا ئىران ئۇچقۇچىسىز ئاپپاراتلىرىنى ئىشلەتكەنلىكى» ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەر توغرىسىدا  توختالدى.

ئۇ ئۆزلىرىنىڭ بۇ توغرىدا ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئىگە ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ: «(ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا) روسىيەچە ئىسمى بار رۇسىيە ئۈسكۈنىلىرى ئىشلىتىلمەكتە. بۇنى بىلىسىلەر. باشقا بارلىق سوئاللارنى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا يوللىساڭلار بولىدۇ» دېدى.

ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادا ئىراندا ياسالغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسە، ئۇكرائىنا ئەمەلدارلىرى دۆلەت مىقياسىدىكى نۇرغۇن ھۇجۇملارنىڭ قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىدىن پايدىلىنىپ قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر