سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاخىرقى پىرېزىدېنتى مىخائىل گورباچېۋ ۋاپات بولدى

رۇسىيە فېدېراتسىيەسى پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىگە قاراشلىق مەركىزى كلىنىكىلىق دوختۇرخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، 91 ياشلىق گورباچېۋنىڭ ئېغىر ۋە ئۇزۇن داۋاملاشقان كېسەللىكتىن كېيىن كەچتە قازا قىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

1873978
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاخىرقى پىرېزىدېنتى مىخائىل گورباچېۋ ۋاپات بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گورباچېۋ 1985 - يىلدىن 1991 – يىلغىچە سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ يۇقىرى باشقۇرۇش ئورگىنى بولغان سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى بولغان ئىدى.

سوۋېت ئىتتىپاقىدا 1990 - يىلى ئېلىپ بېرىلغان ئىسلاھات بىلەن پىرېزىدېنتلىق تۈزۈمى يولغا قويۇلغان ۋە گورباچېۋ سوۋېت ئىتتىپاقى پارلامېنتىدىكى سايلامدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پىرېزىدېنتلىقىغا سايلانغان ئىدى.

گورباچېۋ 1990 - يىلدىن 1991 - يىلغىچە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىدى.

ئۇ قوزغىغان پېرېسترويكا (قايتا تەشكىللەش) ۋە گلاسنوست (ئوچۇقچىلىق) ناملىق ئىسلاھات ھەرىكەتلىرى، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئورۇشىنى ئاخىرلاشتۇرغان، ئەمما سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىەسىنىڭ دۆلەتتىكى سىياسىي ئۈستۈنلۈكىگىمۇ خاتىمە بەرگەن ئىدى.

گورباچېۋنىڭ 1991 - يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى تەختتىن چۈشۈشى بىلەن، سوۋېت ئىتتىپاقى رەسمىي تارقىلىپ كەتكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر