رۇسىيە ئۇكرائىنا بىلەن 27 قېتىم ئەسىر ۋە جەسەت ئالماشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى

فومىن چەت ئەل ھەربىي دىپلوماتلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن يىغىندا، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ھەققىدە بايانات بەردى.

1863582
رۇسىيە ئۇكرائىنا بىلەن 27 قېتىم ئەسىر ۋە جەسەت ئالماشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە مۇئاۋىن مۇداپىئە مىنىستىرى ئالېكساندىر فومىن، ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان، ئۇكرائىنا بىلەن 27 قېتىم ئەسىر ئەسكەرلەر ۋە قازا قىلغان ئەسكەرلەرنىڭ جەسىتىنى ئالماشتۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

فومىن چەت ئەل ھەربىي دىپلوماتلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن يىغىندا، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ھەققىدە بايانات بەردى.

ئۇ، ئۇكرائىنا بىلەن ئەسىر ئەسكەرلەر ۋە جەسەت ئالماشتۇرۇش مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك سۆھبەتنىڭ خەلقئارا قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ ئىشتىراكى ئاستىدا ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ھالدا: «بۈگۈنگە قەدەر 27 قېتىم ئالماشتۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىپ، ئۇكرائىنا تەرەپكە 18 ئادەم تاپشۇرۇپ بېرىلدى» دېدى.

فۇمىن، ئۇكرائىنانىڭ ئولېنىۋكا ئولتۇراق رايونىدىكى تۈرمىگە 7 - ئاينىڭ 29 - كۈنى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى قىلىنغانلىقىنى، ھۇجۇمدا ئۇكرائىنالىق ئەسىر ئەسكەرلەردىن 50 نەپىرىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 73 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئازوۋ باتالىيونىنىڭ ئەسكەرلىرى ئىدى. 20 - ماي تەسلىم بولغان ئازوۋ باتالىيونى ئەسكەرلىرى ئولېنىۋكادىكى تۈرمىگە ئېلىپ كېلىندى. ئۇكرائىنا تەرەپ، ئەسكەرلىرىنىڭ بۇ يەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇشى مەسىلىسىدە چىڭ تۇردى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر