بلىنكېن بىلەن لاۋروۋ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن تېلېفونلاشتى.

1861464
بلىنكېن بىلەن لاۋروۋ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېن ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھاياشى يوشىماسا بىلەن ئۆتكۈزگەن ۋەكىللەر ئارا ئۇچرىشىشىدىن كېيىن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئانتونىي بلىنكېن، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن تېلېفونلاشقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «سەمىمىي ۋە بىۋاسىتە سۆزلەشتۇق. كىرېمىلغا بىرىتنىي گىرىنېر ۋە پائۇل ۋېلاننىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك تەكلىپىمىزنى قوبۇل قىلىشىنى قايتا – قايتا تەكىتلىدىم» دېدى.

ئانتونىي بلىنكېن، سۆھبەت جەريانىدا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئاشلىقىنىڭ ئېكسپورت قىلىىنىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش توغرىسىدىكى ۋەدىسىنى ئورۇندىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ئۇكرائىنادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىمىز برىدگېت برىنك بۈگۈن ئەتىگەن ئودېسسا پورتىدا ئىدى. ئۇ ئاشلىقلارنىڭ پاراخوتلارغا قاچىلىنىپ، قوزغىلىشقا تەييار ھالەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى جەزملەشتۈردى. رۇسىيەنىڭ بۇ يەردە تاشلايدىغان قەدەملىرى پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم» دېدى.

سۆھبەت ئەسناسىدا، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ بىر قىسىم جايلىرىنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئالامەتلىرىگە ئالاقىدار مەسىلىلەرنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن بلىنكېن: «دۇنيا بۇ قوشۇۋېلىشنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايدۇ. ئەگەر رۇسىيە بۇ پىلانلارنى داۋاملاشتۇرسا، قوشۇمچە جازالارنى يۈرگۈزىمىز» دەپ ئاگاھلاندۇردى ۋە رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى ئاخىرلاشقۇچە ئۇكرائىنانى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىلىرىنى ئەسكەرتتى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروۋمۇ ئانتونىي بلىنكېن بىلەن ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى ۋە يەرشارى يېمەكلىك مەسىلىسى توغرىسىدا تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى مۇزاكىزە قىلىنغان تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا، لاۋروۋ: «رۇسىيەنىڭ دونېتسكى خەلق جۇمھۇرىيىتى، لۇخانىسكى خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋە ئۇكرائىنا زېمىنلىرىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكەتلەردىكى پىرىنسىپال مەيدانىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە نىشانلىرىنىڭ تولۇق ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى»نى تەكىتلىدى.

يەرشارى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ساھەسىدىكى ۋەزىيەتمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان سۆھبەتتە، لاۋروۋ بلىنكېنغا 22-ئىيۇل ئىستانبۇلدا ئىمزالانغان ئاشلىق كېلىشىمىنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، «ئامېرىكا جازالىرىنىڭ ۋەزىيەتنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتكەنلىكىنى، ئامېرىكانىڭ رۇسىيەنىڭ ئاشلىق يۆتكىشىنى جازالارنىڭ سىرتىدا قالدۇرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرمىغانلىقى»نى تەكىتلىدى ھەمدە غەربنىڭ ئاشلىق مەسىلىسىنى ئۆزىنىڭ سىياسىي جۇغراپىيەلىك مەنپەئەتى ئۈچۈن سۇيىئىستېمال قىلىشىنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سۆھبەت جەريانىدا يەنە، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەرمۇ مۇزاكىرە قىلىندى ۋە ھەر ئىككى دۆلەتتە قاماقتا يېتىۋاتقان رۇسىيە ۋە ئامېرىكا پۇقرالىرىنى ئالماشتۇرۇش توغرىسىدا «تىنچ دىپلوماتىيە فورماتىدا كەسپىي سۆھبەت ئۆتكۈزۈش» تەكلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر