رۇسىيە قىسىملىرى ئۇكرائىنانىڭ خاركىۋ شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ،  ئۈچ پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولدى

رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ خاركىۋ شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇمىدا بىر زەمبىرەك ئوقى پۇقرالار جايلاشقان رايونغا  چۈشۈپ، بىر كىچىك  بالىنى قوشقاندا جەمئىي ئۈچ پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1857617
رۇسىيە قىسىملىرى ئۇكرائىنانىڭ خاركىۋ شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ،  ئۈچ پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاپتوبۇس بېكىتىگە يېقىن جايدا كىشىلەر ئاپتوبۇسنى ساقلاۋاتقان پەيتتە پارتلاش يۈز بەرگەنلىكى  ئۇقتۇرۇلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن ئۇكرائىنا قىسىملىرى رۇسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇكرائىنا چېگراسىغا يېقىن يېزا-كەنتلەرگە ھۇجۇم قىلدى.

بېلگورود رايونى ۋالىيسى ۋىياچېسلاۋ گلادكوۋ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۇكرائىنا قىسىملىرىنىڭ جۇراۋلېۋكا ۋە نېخوتېيېۋكا يېزىلىرىغا قارىتىپ 5 زەمبىرەك ئوقى ئاتقانلىقىنى ۋە پارتىلاش نەتىجىسىدە بىر پۇقرانىڭ قازا قىلغانلىقىنى ۋە بەزى ئۆيلەرنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر