ئامېرىكادا كەلكۈنلەر خەلق تۇرمۇشىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتمەكتە

ئامېرىكانىڭ نيۇيورك ۋە يېڭى جېرسىي ئىشتاتىدا ھەپتە ئاخىرىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈنلەر خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى.

1856540
ئامېرىكادا كەلكۈنلەر خەلق تۇرمۇشىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نيۇيورك ۋە يېڭى جېرسى ئىشتاتىنىڭ شىمالىدىكى رايونلارغا يەكشەنبە كۈنىدىن بۇيان ئېغىر تەسىر كۆرسىتىۋاتقان شىددەتلىك يامغۇر نۇرغۇن ئۆي ۋە خىزمەت ئورۇنلىرىنىڭ يەر ئاستى قەۋىتىنى سۇغا تولدۇردى. بۇ يەرلەردە قاپسىلىپ قالغان كىشىلەر كېمىلەر بىلەن قۇتقۇزۇۋېلىندى.

نيۇيوركنىڭ برونكىس رايونى ۋە يېڭى جېرسىي ئىشتاتىنىڭ قۇرۇقلۇق چېگراسى جايلاشقان شىمالىي رايونلاردا، شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن بىر قىسىم ئاممىۋى ئاپتوبۇس لىنىيەلىرى سۇ ئاستىدا قېلىپ، قاتناش پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى.

يېڭى مىلفورد، بېرگېن ۋە خاكېنساك رايونلىرىدىمۇ  بىر قىسىم ئاممىۋى ئاپتوبۇس لىنىيەلىرى قاتناشتىن توختىتىلدى.

خاۋتورن رايونىدا پاسساك دەرياسى تېشىپ كېتىپ، بىر رېستورانغا قاپسىلىپ قالغان 300 دەك كىشى قۇتقۇزۇش ئەترىتى تەرىپىدىن قۇتقۇزۇۋېلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر