گ 20 دۆلەتلەر گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشىنىڭ سايىسىدا قالدى

ھىندونېزىيەدە چاقىرىلغان «گ 20 دۆلەتلەر گۇرۇھى مالىيە مىنىستىرلىرى ۋە مەركىزىي بانكا باشلىقلىرى يىغىنى» 24 - فېۋرالدا باشلانغان ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشىنىڭ سايىسىدا ئۆتكۈزۈلمەكتە.

1855821
گ 20 دۆلەتلەر گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشىنىڭ سايىسىدا قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بالى ئارىلىدا ئۆتكۈزۈلگەن گ 20 دۆلەتلەر گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە مالىيە مىنىستىرلىرى ۋە مەركىزىي بانكا باشلىقلىرى بىر يەرگە جەم بولدى.

ھىندونېزىيە مالىيە مىنىستىرى سىرى مۇليانى ئىندراۋاتى بارلىق قاتناشقۇچىلارنىڭ گېئوپولىتىكىلىق جىددىيلىك سەۋەبىدىن ئىنتايىن ئاۋارىچىلىققا تولغان قىيىن شارائىتتىن ئۆتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىندراۋاتى ئىشتىراكچىلار ئۇرۇشقا بولغان كۆز قاراشلىرىنى بىلدۈرۈشنى خالىغانلىقى سەۋەبىدىن تېخىچە بىرلىككە كېلەلمەيۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىندراۋاتى ئۆزئارا ئۇچرىشىشلاردا رۇسىيە يېقىلغۇسىنىڭ يۇقىرى باھالىق تەكلىپلىرى مۇزاكىرە قىلىنمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ،  «دۇنيانىڭ تېخىمۇ بەك ھەمكارلىققا ئېھتىياجى بار. قايسى دۆلەت بولىشى مۇھىم ئەمەس. بۇ مەسىلىنى يالغۇز ھەل قىلالمايدۇ. يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، ئېنېرگىيە، كېلىمات ئۆزگىرىشى، يۇقۇم... بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر بىرىگە چېتىشلىق. ھەمكارلىق ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىك روھىنى داۋاملاشتۇرىشىمىز كېرەكلىكى ھەققىدە ھەممىڭلار بىلەن بىردەك پىكىرگە ئىگىمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر