رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى خاركىۋغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلدى

ئۇكرائىنانىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى خاركىۋغا كەچتە قىلىنغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا 1 سودا سارىيى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى.

1839744
رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى خاركىۋغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىدا «Vostorg» ناملىق ​​سودا ساراي بىناسىنىڭ بىر قىسمى يىقىلىپ چۈشتى.

خاركىۋ شەھىرى ئالدىنقى سەپتىن 30 كىلومېتىر يىراقلىقتا.

سودا ساراي دىرېكتورى سۋېتلانا جۇلىنا رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ سودا سارايغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن بىۋاسىتە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، ھۇجۇمدا يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەنلىكىنى ئېيتتى.

جۇلىنا بىنانىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى، بازار بۆلىكىنىڭمۇ ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «دۈشمەنگە پېسەنت قىلماستىن، بىزدۈشەنبە كۈنىگىچە (2022-يىلى 13-ئىيۇن) بازار قىسمىنى ئېچىشقا تىرىشىمىز» دېدى.

7-ئىيۇن كېچىدە خاركىۋ شەھىرى پارتلاش ئاۋازلىرى بىلەن زىلزىلىگە كەلدى. تۈنۈگۈن كەچتىن بۇيان شەھەرگە جەمئىي ئۈچ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر