ب د ت تۈركىيەنىڭ نامىنىڭ چەت ئەل تىللىرىدىمۇ بىردەك «Türkiye» دەپ يېزىلىشىنى رەسمىيلەشتۈردى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ئەنقەرەنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، تۈركىيەنىڭ چەت ئەل تىللىرىدا «Turkey (تۈركىيە)» دەپ ئىشلىتىلىۋاتقان دۆلەت نامىنى «Türkiye (تۈركىيە)» گە ئۆزگەرتتى.
![ب د ت تۈركىيەنىڭ نامىنىڭ چەت ئەل تىللىرىدىمۇ بىردەك «Türkiye» دەپ يېزىلىشىنى رەسمىيلەشتۈردى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/85e3/3b1f/b2a0/5a795b0cbc495.jpg?time=1718510108)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت باش كاتىپى باياناتچىسى ستېفان دۇجاررىك، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ، تۈركىيەنىڭ چەت ئەل تىللىرىدىكى ئىسمىنىڭ «Türkiye»گە ئۆزگەرتىلىشى توغرىسىدىكى باش كاتىپ ئانتونىيو گۇتېررېسقا ئەۋەتكەن مەكتۇپىنىڭ تاپشۇرۇۋېلىنغانلىقىنى، دۆلەتنىڭ نامىنىڭ ئۆزگەرتىلىشىنىڭ مەكتۇپ تاپشۇرۇپ ئېلىنغان ۋاقىتتىن باشلاپ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇمۇ تۋىتتېردىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيەنىڭ ماركا قىممىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مەقسىتىدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكىدە باشلانغان تىرىشچانلىق كۆرسىتىش مۇساپىسى ئاخىرلاشتى. ب د ت باش كاتىپىغا بۈگۈن يوللىغان مەكتۇپىم ئارقىلىق دۆلىتىمىزنىڭ ب د ت دا ئىستېمال قىلىنىۋاتقان چەت ئەل تىللىرىدىكى ئىسمىنى <تۈركىيە (Türkiye)> دەپ تىزىمغا ئالدۇرىمىز» دېگەنىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى باياننامەسى ئېلان قىلىندى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/88fc/55f6/1436/666d338a35568.jpg?time=1718510108)
7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى باياننامەسى ئېلان قىلىندى
50 – نۆۋەتلىك 7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى باياننامە ئېلان قىلىنىش بىلەن ئاخىرلاشتى.