پاكىستاندا بىنازىر بۇتتونىڭ ئوغلى بىلاۋال بۇتتو زەردارى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولدى

پاكىستاندا  بىرلەشمە ھۆكۈمەتتىكى پاكىستان خەلق پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى بىلاۋال بۇتتو زەردارى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولدى.

1819677
پاكىستاندا بىنازىر بۇتتونىڭ ئوغلى بىلاۋال بۇتتو زەردارى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پىرېزىدېنت ئارىف ئالۋى بىلاۋال بۇتتو زەردارىنىڭ قەسەم بېرىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.

پىرېزىدېنتلىق بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن قەسەم بېرىش مۇراسىمىدا زەردارى ئالۋى ئوقۇغان قەسەمنىڭ تېكىستىنى تەكرارلاپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرىلىق ۋەزىپىسىنى باشلىغان.

مۇراسىمغا باش مىنىستىر شاھباز شەرىف، زەردارىنىڭ دادىسى ۋە سابىق پىرېزىدېنت ئاسىف ئەلى زەردارى شۇنداقلا كابىنېت مىنىستىرلىرى قاتناشتى.

سابىق پاكىستان باش مىنىستىرى بىنازىر بۇتتونىڭ ئوغلى بولغان زەردارى 33 ياشقا كىرگەن بولۇپ، پاكىستان تارىخىدىكى ئەڭ ياش تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا ئايلاندى.

بىلاۋال بۇتتو زەردارى 2018-يىلدىكى چوڭ سايلامدا تۇنجى قېتىم پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان ئىدى.

10-ئاپرېل پاكىستان پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىشەنچ ئاۋازى بېرىش پائالىيىتى نەتىجىسىدە ئىمران خان ھۆكۈمىتى 174 بېلەتكە ئېرىشەلمەي يىقىلغان ئىدى.

پاكىستاندا ئۈچ قېتىم باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ناۋاز شەرىفنىڭ ئىنىسى شاھباز شەرىف  پارلامېنتتتا 11-ئاپرېلدىكى سايلامدا 174 بېلەت بىلەن مۇتلەق كۆپ سانلىقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، باش مىنىستىرلىققا سايلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر