رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ تالاپەتلىرىگە دائىر سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئىگور كوناشېنكوف، تۈنۈگۈن ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ 17 ھەربىي ئۇل ئەسلىھەسىنىڭ ۋەيران قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

1807171
رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ تالاپەتلىرىگە دائىر سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كوناشېنكوف پايتەخت موسكۋادا بايانات بېرىپ، رۇسىيە ئارمىيەسى بىلەن دونباستىكى ئاتالمىش بۆلگۈنچى ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۇكرائىنادا داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ، رۇسىيە ھەربىي قىسىملىرىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي ئۇل ئەسلىھە ئەسلىھەلىرىگە داۋاملىق ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «تۈنۈگۈنكى ئايروپىلان ھۇجۇملىرىدا ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ 17 ھەربىي ئۇل ئەسلىھەسى بىتچىت قىلىندى... بۈگۈنگە قەدەر 125 ئايروپىلان، 91 تىك ئۇچار، 394 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى، 226 ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى، 1948 تانكا ۋە بىرونېۋىك، 212 كۆپ سىتۋوللۇق راكېتامىيوت قويۇپ بېرىش ماشىنىسى، 838 دانە زەمبىرەك ۋە مىناميوت، 1842 ئالاھىدە ھەربىي ئاپتوموبىلى يوقىتىلدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

رۇسىيە ئارمىيەسى 24 - فېۋرال ئۇكرائىناغا بېسىپ كىرىپ، ئىشغال ھەرىكىتىنى باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر