رۇسىيە ئەسكەرلىرى خاركىۋدا بىر دوختۇرخانىنى ئوققا تۇتتى
رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ خاركىۋ ئەتراپىدىكى بالاكلىيا دوختۇرخانىسىدىن بىمارلار ۋە دوختۇرلارنى تارقاقلاشتۇرماقچى بولغان ئاپتوموبىل ئەترىتىگە ئوق چىقارغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
![رۇسىيە ئەسكەرلىرى خاركىۋدا بىر دوختۇرخانىنى ئوققا تۇتتى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/fc1f/7c31/3499/6220d047534c3.jpg?time=1718521174)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنانىڭ خاركىۋ ھەربىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئولېگ سىنېگۇبوي رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ خاركىۋ ئەتراپىدىكى بالاكلىيا دوختۇرخانىسىدىن بىمارلار ۋە دوختۇرلارنى تارقاقلاشتۇرماقچى بولغان ئاپتوموبىل ئەترىتىگە ئوق چىقارغانلىقىنى، ۋەقەدە بىر ئاپتوبۇس شوپۇرىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ 2-ئاپرېل (2022) بىمارلار ۋە دوختۇرلار تۇرۇۋاتقان بالاكلىيا ناھىيەلىك دوختۇرخانىنى ئوققا تۇتۇشى نەتىجىىسىدە، دوختۇرخانا بىناسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان ئىدى. يەرلىك ھۆكۈمەت بۇ سەۋەبتىن، بىمارلار ۋە دوختۇرخانا خادىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 70 كىشىنى دەرھال تارقاقلاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى باياننامەسى ئېلان قىلىندى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/88fc/55f6/1436/666d338a35568.jpg?time=1718521175)
7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى باياننامەسى ئېلان قىلىندى
50 – نۆۋەتلىك 7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى باياننامە ئېلان قىلىنىش بىلەن ئاخىرلاشتى.