ماكرون: مارىپولدا تۈركىيە ۋە گىرېتسىيە بىلەن ئىنسانپەرۋەرلىك ھەرىكىتى تەشكىللەيمىز
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون ئۇكرائىنانىڭ مارىپول شەھىرىدىن ئايرىلماقچى بولغانلار ئۈچۈن تۈركىيە ۋە گىرېتسىيە بىلەن بىرلىكتە ئىنسانپەرۋەرلىك ھەرىكىتى تەشكىللەيدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماكرون، بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرى باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، 400 مىڭ نوپۇسلۇق مارىپول شەھىرىدە نۆۋەتتە 150 مىڭ كىشى قالغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئىنتايىن ناچار شارائىت ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «مارىپول شەھىرىدىن ئايرىلماقچى بولغانلار ئۈچۈن تۈركىيە ۋە گىرېتسىيە بىلەن بىرلىكتە ئىنسانپەرۋەرلىك ھەرىكىتى تەشكىللەيمىز. بۇ ھەقتە مارىپول شەھەرلىك ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقىلىشىۋاتىمىز، بۇ مەسىلە توغرۇلۇق 48-72 سائەت ئىچىدە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشىمەن.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ.
ئافغانىستاندا ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى
ئافغانىستاننىڭ غور ۋىلايىتىدە بىر ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان دەريا قىرغىقىغا چۈشۈپ كەتتى.