ئىسىرائىلىيە نېمە ئۈچۈن ئۇكرائىناغا ياردەم قىلمايدۇ؟

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ئىسىرائىلىيەدىن ھەربىي ياردەم كۈتىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ: «ئۇكرائىنانىڭ ئۇكرائىنادىكى يەھۇدىيلارنى قوغداشقا ياردەم قىلىڭلار» دېدى.

1798994
ئىسىرائىلىيە نېمە ئۈچۈن ئۇكرائىناغا ياردەم قىلمايدۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ئىسىرائىلىيە پارلامېنتىغا سىنلىق يىغىن شەكلىدە خىتاب قىلدى.

ئۇ رۇسىيە قوزغىغان ئۇرۇش سەۋەبىدىن ئۇكرائىنا خەلقىنىڭ يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى ناتسىستلارنىڭ قىرغىن قىلىشىدىن قاچقان يەھۇدىيلارنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشىتىپ: «خەلقىمىز ھازىر خۇددىي سىلەر ئۆتمۈشتە قىلغىنىڭلارغا ئوخشاش، بىخەتەرلىكى ئۈچۈن پولشا، سىلوۋېنىيە، چېخىيە، گېرمانىيە ۋە باشقا دۆلەتلەرگە قاچماقتا» دېدى.

ئۇ رۇسىيەنىڭ دۆلىتىگە قارشى قوزغىغان ئۇرۇشنى «كەڭ كۆلەملىك ۋە قانۇنسىز ئۇرۇش» دەپ ئاتىدى ۋە: «بۇ ئۇرۇش ئارقىلىق مەدەنىيىتىمىزنى، خەلقىمىزنى، كىشىلىرىمىزنى ۋە ئۇكرائىنانى ئۇكرائىنا قىلغان  نېمە بولسا شۇنى يوقاتماقچى بولۇۋاتىدۇ. رۇسىيە ئارمىيەسى ئۇكرائىنانى يوق قىلىۋاتىدۇ، ئەمما دۇنيا بۇنىڭغا قاراپ تۇرۇۋاتىدۇ» دېدى.

ئۇ ئىسىرائىلىيە پارلامېنت ئەزالىرىغا قارىتىپ مۇنداق دېدى:

«سىلەرنىڭ تۆمۈر قۇببە سىستېمىڭلار دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى سىستېما. ئۇنىڭ بىلەن مەنپەئەتىڭلارنى قوغداۋاتىسلەر. ئۇكرائىنانىڭمۇ ئۇكرائىنالىقلارنى ۋە ئۇكرائىنادىكى يەھۇدىيلارنى قوغداشقا ياردەم قىلىڭلار. سىلەردىن نېمىشقا ھەربىي قورال-ياراغ ئالالمىغانلىقىمىزغا قىزىقىۋاتىمىز. ئىسىرائىلىيە نېمە ئۈچۈن رۇسىيەگە قارشى ئېمبارگو يۈرگۈزمىدى؟ نېمە ئۈچۈن رۇسىيە شىركەتلىرىگە بېسىم قىلىنمايدۇ؟ بۇنىڭغا جاۋاب بېرىدىغان ۋە بەرگەن جاۋابلىرىڭلار بىلەن ياشايدىغانلار سىلەر.»

ۋولودىمىر زېلېنسكىينىڭ نۇتۇقى بىرلا ۋاقىتتا تېل ئاۋىۋنىڭ مەركىزىگە قويۇلغان ھابىما مەيدانىدىكى چوڭ ئېكراندىمۇ كۆرسىتىلدى.

كۆپىنچىسى ئۇكرائىنالىقلاردىن تەشكىللەنگەن يۈزلەرچە نامايىشچى ئۇكرائىنا بايرىقىنى كۆتۈرگىنىچە زېلېنسكىينىڭ نۇتۇقىنى ئاڭلاش ئۈچۈن مەيداندا توپلاندى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننى ناتسىستلارغا ئوخشاتقان لوزۇنكىلارنى ئاچقان نامايىشچى ئامما، پۇتىنغا قارشى شوئار توۋلىدى ۋە ئۇكرائىنانى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر