ياپونىيە خىتاي  ھۆكۈمىتىنى رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا قارىتا مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيە تۇتۇشقا چاقىردى

ياپونىيە ئۇكرائىناغا قارشى ئۇرۇش ئاچقان رۇسىيەنى «ئەڭ ياخشى كۆرىلىدىغان دۆلەت» سالاھىيىتىدىن چىقىرىۋېتىدىغانلىقىنى ۋە قوشۇمچە ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈشنى پىلانلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1797237
ياپونىيە خىتاي  ھۆكۈمىتىنى رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا قارىتا مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيە تۇتۇشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر كىشىدا فۇمىئو ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ياپونىيەنىڭ رۇسىيەنى «ئەڭ ياقتۇرىلىدىغان دۆلەت» سالاھىيىتىدىن چىقىرىۋېتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ئاچقان ئۇرۇشىغا قارىتا «ئىنسانىيەتكە خىلاپ» دەپ باھا بەرگەن باش مىنىستىر كىشىدا، «ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ۋە قانۇن ئاساسىدىكى ئۇنىۋېرسال قىممەت قاراشنى ئاساس قىلغان خەلقئارالىق تەرتىپنى خالامدۇق؟ ياكى كۈچتۈڭگۈرلۈك قانۇنىنى ئاساس قىلغان ۋە ھاكىمىيەتنىڭ ئۆزگەرتىلىشىگە يول قويىدىغان بىر تەرتىپنى خالامدۇق؟» دەپ سوئال قويدى.

كىشىدا موسكۋا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەزگىلدە ياپونىيەگە قاراتقان ئېمباگولىرى ئۈستىدە توختىلىپ، «ئېنېرگىيە ۋە يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلغۇچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئىقتىسادقا كۆرسىتىدىغان تەسىرى كىشىنى چۆچۈتىدۇ، لېكىن بىز رۇسىيەنىڭ تەھدىتلىرىگە تەسلىم بولمايمىز ۋە تىنچلىق ئۈچۈن ئۇكرائىنا خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىمىز» دېدى.

 

ياپونىيە باش مىنىستىرى كىشىدا يېڭى ئېمبارگولارنى يولغا قويۇشتا ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنىڭ «ئاچقۇچلۇق نۇقتىسى»  تەرەپكە ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا قارىتا خىتاي  ھۆكۈمىتىنى مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيە تۇتۇشقا چاقىردى.

روسىيە قىسىملىرى 24-فېۋرالدا ئۇكرائىناغا ھۇجۇم باشلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر