رۇسىيە ئۇكرائىنانى قانچىلىك زىيانغا ئۇچراتقانلىقىنى ئېلان قىلدى

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۇكرائىنانىڭ خېرسون رايونىدىكى بىر ھەربىي بازىنىڭ كونتروللۇقىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1790477
رۇسىيە ئۇكرائىنانى قانچىلىك زىيانغا ئۇچراتقانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ خېرسون رايونىنىڭ رادېنسك يېزىسى ئەتراپىدىكى ئۇكرائىنا ھەربىي بازىسىنىڭ كونتروللۇقى ئالقىنىغا ئالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا. «ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرى ھەربىي-تېخنىكا ۋاسىتىلىرى ۋە قوراللىرىنى تاشلاپ بازىدىن تېزلىكتە قاچتى» دېيىلدى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئىگور كوناشېنكوۋ ئۇكرائىنادا 2111 ھەربىي ئۇل -  ئەسلىھەلىرىنىڭ ۋەيران قىلىنغانلىقىنى بايان قىلدى.

باياناتچى كوناشېنكوۋ: «ھەرىكەت باشلانغاندىن بۇيان ئۇكرائىنا ئارمىيەسىگە تەۋە 2119 ھەربىي ئۇل - ئەسلىھەلىرى ۋەيران قىلىندى. بۇلارنىڭ ئىچىدە 74 قوماندانلىق ۋە ئالاقە مەركىزى، 108 ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى S-300، بۇك M-1 ، ئوسا ۋە 68 رادار پونكىتى بار» دېدى.

ئىگور كوناشېنكوۋ بۇلاردىن باشقا يەنە، 69 ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ قۇرۇقلۇقتا ۋە 21 ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ ھاۋادا پاچاقلاپ تاشلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، 748 تانكا ۋە برونېۋىك، 76 كۆپ تۇڭلۇق راكېتامىيوت، 274 زەمبىرەك ۋە مىناميوت، 532 ئالاھىدە ھەربىي ئاپتوموبىل ھەمدە 59 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقىنى ئېيتتى.

رۇسىيە قىسىملىرى 24-فېۋرالدا ئۇكرائىناغا ھۇجۇم باشلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر