رۇسىيە ھەيئىتى ئۇكرائىنا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بېلارۇسىيەدە

كىرېمىل سارىيى  باياناتچىسى دمىترى پېسكوۋ رۇسىيە ھەيئىتىنىڭ ئۇكرائىنالىقلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە باشلاش ئۈچۈن بېلارۇسىيەنىڭ گومېل شەھىرىگە يېتىپ بارغانلىقىنى ئېيتتى.

1786267
رۇسىيە ھەيئىتى ئۇكرائىنا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بېلارۇسىيەدە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پېسكوۋ، ئۇكرائىنالىق ۋەكىللەر بىلەن بېلارۇسىيەدە ئۆتكۈزۈلگۈسى سۆھبەت  ھەققىدە بەرگەن باياناتىدا، ئۆزلىرىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇ ھەقتە ھاسىل قىلىنغان كېلىشىملەرگە ئاساسەن، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋە باشقا بىر قىسىم ئورگانلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەشكىل تاپقان رۇسىيە ھەيئىتى، ئۇكرائىنالىقلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە باشلاش ئۈچۈن بېلارۇسىيەنىڭ گومېل شەھىرىگە يېتىپ باردى. دەرۋەقە، بىز گومېل شەھىرىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە باشلاشقا تەييارمىز، ھازىر بىز ئۇكرائىنالىقلارنى كۈتۈۋاتىمىز.»

رۇسىيە، 24 – فېۋرال كۈنى ئۇكرائىناغا ھەربىي ھەرىكەت قوزغىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر