بايدىن بىلەن شۇلز ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز ئۇكرائىنا جىددىيچىلىكى توغرىسىدا تېلېفونلاشتى.

1780184
بايدىن بىلەن شۇلز ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي يازما بايانات ئېلان قىلىپ، بايدىن بىلەن شولزنىڭ تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا رەھبەرلىرى بىلەن يېقىنقى كۈنلەردە ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرىنى مۇھاكىمە قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ۋەدىلىرىنى قايتا - قايتا تەكىتلىگەن بايدىن بىلەن شۇلز، رۇسىيەگە قارىتا ئىشلىنىۋاتقان دىپلوماتىك خىزمەتلەردە ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان ماسلىشىشنىڭ، شۇنداقلا رۇسىيە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغان ئەھۋال ئاستىدا شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى – ناتونىڭ شەرقىي قانىتىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر