ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيە بىلەن مۇزاكىرىلىشىدىغان بولدى

ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيە بىلەن شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو پىلانىنى مۇزاكىرىلىشىدىغان بولدى.

1774357
ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيە  بىلەن مۇزاكىرىلىشىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، شىمالىي كورېيەنىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىدىن كېيىن، 10- ۋە 15 - فېۋرالغىچە بولغان ئارىلىقتا ئامېرىكانىڭ شىمالىي كورېيە ئالاھىدە ۋەكىلى سۇڭ كىم ھاۋاينىڭ پايتەختى ھونولۇلۇدا ياپونىيەنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيانلارغا مەسئۇل باش دىرېكتورى فۇناكوشى تاكېخىرو ۋە جەنۇبىي كورىيەنىڭ كورېيە يېرىم ئارىلى ئالاھىدە ۋەكىلى نوخ كيۇ دۇ بىلەن ئۈچ تەرەپلىك ئۇچرىشىش ئۆتكۈزىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.  

ئۇچرىشىشتا شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو پروگراممىسى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

 

شىمالىي كورېيە 30-يانۋاردا «Hwasong-12» ناملىق ئۇزۇن مۇساپىلىك باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلغان بولۇپ، يىل بېشىدىن بۇيان جەمئىي 7-قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر