تانزانىيەدىكى كېمە ئۆرۈلۈپ كېتىش ۋەقەسىدە 9 كىشى قازا قىلدى
ھىندى ئوكيان دېڭىز ساھىلىدىكى شەرقىي ئافرىقا دۆلىتى تانزانىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە كېمە ئۆرۈلۈپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 9 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
1757502
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پەمبا ئارىلىدا كېمە ئۆرۈلۈپ كەتكەن.
كېمىدىكى 9 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 6 كىشى قۇتقۇزۇۋېلىنغان.
كېمىدىكى باشقا 10 كىشىنى ئىزدەپ قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.