ناتو ئۇكرائىنا مەسىلىسى توغرىسىدا رۇسىيەنى ئاگاھلاندۇردى

ناتونىڭ قارار چىقىرىش ئورگىنى — شىمالىي ئاتلانتىك كېڭىشى، «ئۇكرائىنا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ۋەزىيەت» توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

1748791
ناتو ئۇكرائىنا مەسىلىسى توغرىسىدا رۇسىيەنى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارىتىدىغان يېڭى تاجاۋۇزچىلىقىنىڭ بەدىلىنىڭ ئېغىر بولىدىغانلىقىنى، ئەگەر رۇسىيە جىددىيچىلىكنى پەسەيتسە، ناتو ئىشەنچنى ئاشۇرۇش تەدبىرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ناتونىڭ قارار چىقىرىش ئورگىنى —  شىمالىي ئاتلانتىك كېڭىشى، «ئۇكرائىنا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ۋەزىيەت» توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىدىن كۈچلۈك ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا: «بىز رۇسىيەنى دەرھال جىددىي ۋەزىيەتنى پەسكۇيغا چۈشۈرۈپ، دىپلوماتىك يول تۇتۇشقا ۋە ھەربىي پائالىيەتلەرنىڭ ئوچۇق - ئاشكارا بولۇشىغا ئالاقىدار خەلقئارا ۋەدىلەرگە ئەمەل قىلىشقا چاقىرىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

«نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ ئىتتىپاقنىڭ بىخەتەرلىكىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرىنى ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىۋاتىمىز» دېيىلگەن باياناتتا، ناتونىڭ بىخەتەرلىك مۇھىتىنىڭ بۇزۇلۇشىغا كەسكىن جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

باياناتتا: «ئۇكرائىناغا تېخىمۇ ئاشۇرۇپ قىلىنىدىغان ھەر قانداق تاجاۋۇزچىلىقنىڭ قىيىن ئاقىۋەتلىرى ۋە ئېغىر بەدەللىرى بولىدۇ» دېيىلدى.

ناتونىڭ ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوللايدىغانلىقى قايتا تەكىتلەنگەن باياناتتا، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈشى تەلەپ قىلىندى.

رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ناتوغا ئەزا بولۇش مۇمكىنچىلىكىگە بولغان نارازىلىقى تىلغا ئېلىنغان باياناتتا، ھەر بىر دۆلەتنىڭ ئۆزىنىڭ تەقدىرى ۋە تاشقى سىياسىتىنى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ بارلىقى، «ناتونىڭ ئۇكرائىنا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ پەقەت ئۇكرائىنا ۋە 30 ئىتتىپاقداش دۆلەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەھۋال» ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

«رۇسىيە بىلەن ئەھمىيەتلىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييارمىز» دېگەن سىگنال بېرىلگەن ناتو باياناتىدا، رۇسىيەگە سۇنۇلغان رۇسىيە – ناتو كېڭىشى تەشكىللەش تەكلىپى تەكرارلاندى.

باياناتتا يەنە: «ئەگەر رۇسىيە جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش ئۈچۈن كونكرېت تەدبىر قوللانسا، بىز ئىشەنچنى ئاشۇرۇش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشكە تەييارمىز. ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىمۇ بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر سۇپىدۇر» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر