نىگېرىيەدە «خولېرا يۇقۇمى» سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

نىگېرىيەنىڭ كادۇنا ئۆلكىسىدە «خولېرا يۇقۇمى» سەۋەبىدىن  83 ئادەم قازا قىلدى.

1691063
نىگېرىيەدە «خولېرا يۇقۇمى» سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ كادۇنا سېكرېتارى دوختۇر ھەمزە ئىبراھىم ئىكارا، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، «خولېرا يۇقۇمى» نىڭ كادۇنا ئۆلكىسىنىڭ 19 رايونىغا تارقالغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ھازىرغا قەدەر 1120 ئادەمگە <خولېرا> بىلەن يۇقۇملانغان دەپ دىياگنوز قويۇلدى، يۇقۇم سەۋەبىدىن 83 ئادەم قازا قىلدى، ئەھۋالنى كونترول قىلىش ئۈچۈن، 19 رايونغا داۋالاش ئەترەتلىرى ئەۋەتىلدى، يۇقۇمنىڭ سۇ مەنبەسى سەۋەبىدىن تارقالغانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلدى.»

ئىگىلىنىشىچە، نىگېرىيە مىقياسىدا يانۋاردىن بۇيان «خولېرا يۇقۇمى» سەۋەبىدىن 800 دىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر