بىرما ئارمىيەسى بىر يېزىغا ئوت قويۇپ بەردى

بىرما ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى نامايىشلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن بىر يېزىغا ئوت قويۇپ بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1659627
بىرما ئارمىيەسى بىر يېزىغا ئوت قويۇپ بەردى
myanmar yardim.jpg
myanmar ordu.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرما ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي ھاكىمىيەتكە قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەرنى باستۇرۇش مەقسىتىدە كىنما يېزىسىغا ئوت قويۇپ بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا، ماگۋاي رايونى كىنما يېزىسىدىكى ئۆيلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ كۆيۈپ كۈل بولغانلىقى ۋە دېھقانچىلىق ھايۋانلىرىنىڭمۇ كۆيۈپ ئۆلگەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك فوتوگرافلار تارقالدى.

رايوندىكى بىر يېزا پۇقراسى ئوتتا يېزىدىكى 237 ئۆي ئىچىدە پەقەت 10 ئۆينىڭلا ساقلىنىپ قالغالىقىنى، يېزا خەلقىنىڭ ئەسكەرلەرنىڭ ئوق چىقىرىشى بىلەن يېزىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىرمادا 1-فېۋرال يۈز بەرگەن ھەربىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن، ماگۋاي، ماندالاي ۋە باگوغا ئوخشاش رايونلاردا نۇرغۇن كىشىنىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى نامايىشلار ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. ئەينى ۋاقىتلاردا، ماگۋاي رايونىدا ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى نامايىشلارنىڭ قورالىق باستۇرۇلۇشى نەتىجىسىدە، يېزىلاردا نۇرغۇن كىشىنىڭ يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلغانلىقى قەيت قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر