پەلەستىن گۇرۇپپىلىرىنىڭ يىغىنى كېچىكتۈرۈلدى
پەلەستىن گۇرۇپپىلىرىنىڭ مىسىر پايتەختى قاھىرەدە ئۆتكۈزۈشى كۈتۈلۈۋاتقان يىغىننىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
![پەلەستىن گۇرۇپپىلىرىنىڭ يىغىنى كېچىكتۈرۈلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/2d82/96a8/e785/60c1b3c278c3f.jpg?time=1718507062)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن گۇرۇپپىلىرىنىڭ مىسىر پايتەختى قاھىرەدە ئۆتكۈزۈشى كۈتۈلۈۋاتقان يىغىننىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
پەلەستىن دۆلەت ھەرىكىتىنىڭ باش كاتىپى مۇستافا ئەلبەرگۇسى ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ھەر قانداق سەۋەب كۆرسىتىلمەستىن يىغىننىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى ئۆزلىرىگە رەسمىي ئۇقتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇستافا ئەلبەرگۇسى يىغىن ئۈچۈن يېڭى ۋاقىت بەلگىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، پەلەستىنلىك گۇرۇپپىلار ھەيئەتلىرىنىڭ تېخى قاھىرەگە بارمىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
مىسىر 1-ئىيۇن (2021) دا بۆلۈنۈشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە مىللىي ئىتتىپاقلىق مەسىلىلىرىدە كېلىشىم تۈزۈش مەقسىتىدە، پەلەستىنلىك گۇرۇپپىلارنى قاھىرەگە تەكلىپ قىلغان ئىدى. تەكلىپتە «كېلەر ھەپتە» دېگەن مۈجىمەل ئىپادە قوللىنىلغان بولۇپ، يىغىن ۋاقتى ھەققىدە ئېنىق ئىزاھات بېرىلمىگەن ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى باياننامەسى ئېلان قىلىندى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/88fc/55f6/1436/666d338a35568.jpg?time=1718507062)
7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى باياننامەسى ئېلان قىلىندى
50 – نۆۋەتلىك 7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى باياننامە ئېلان قىلىنىش بىلەن ئاخىرلاشتى.