بىرمادا 800 دىن ئارتۇق ئەسكەر ئارمىيەدىن ئايرىلىپ قوزغىلاڭچىلارغا قېتىلدى
بىرمادا ئارمىيە بىلەن قوزغىلاڭچى قوراللىق گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن قوراللىق توقۇنۇش سەۋەبىدىن تەخمىنەن 100 مىڭ كىشى ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىرما ئىشخانىسىنىڭ يازما باياناتىدا، دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى ئۆلكىلىرىدىن كاياھتا قوراللىق ئازسانلىق مىللەت گۇرۇپپىلىرى بىلەن ئارمىيە ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ پۇقرالارغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا، ئارمىيەنىڭ كاياھ ئۆلكىسىنىڭ تايلاند چېگراسىدا خەلق ئاممىسىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىشى تۈپەيلىدىن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى، 100 مىڭغا يېقىن پۇقرانىڭ ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ، ئورمانلىق ياكى چېگرا رايونلىرىدا پاناھلنىشقا مەجبۇر بولغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
باياناتتا، ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان پۇقرالارنىڭ يېمەكلىك، سۇ ۋە دورىغا جىددىي ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى، پۇقرالارغا قىلىنىدىغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىملەرنىڭمۇ، بىرما ئارمىيەسى تەرىپىدىن قەستەن توسقۇنلۇققا ئۇچراۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.
يەنە بىر تەرەپتىن، بىرمادا ھەربىي ئۆزگىرىش يۈز بەرگەندىن بۇيان كەم دېگەندە 800 ئەسكەرنىڭ ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى گۇرۇپپىلارغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن ئارمىيەدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
مارت ئېيىدا ئارمىيەدىن ئايرىلىپ ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى چىققان كاپىتان لىن ختېت ئاڭ «Myanmar Now» تورىغا بەرگەن باياناتىدا، 1-فېۋرالدىن بۇيان بىرما ئارمىيەسىدىن ئايرىلغان خادىملار ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.
كاپىتان لىن ختېت ئاڭ ھازىرغا قەدەر كەم دېگەندە 800 كىشىنىڭ ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى قوللاش ئۈچۈن ئارمىيەدىن ئايرىلغانلىقىنى تەكىتلەپ: «ئايرىلغانلارنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمى سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى قۇرۇلغان خەلق مۇداپىئە ئارمىيەسىگە قوشۇلدى. باشقىلار بىرەرقوراللىق گۇرۇپپىغا قېتىلماستىن، ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى تۇرغۇچىلارنى قوللاشنى خالايدۇ» دېدى.
كاپىتان لىن ختېت ئاڭ ئارمىيەدىن ئايرىلغان 100 دەك كىشىنىڭ ھەربىي ئەمەلدار ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇلاردىن بەزىلىرىنىڭ قوراللىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى ئۆلكىلەردە قوزغىلاڭچىلارغا ئۇرۇش مەشىقى قىلدۇرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى باياننامەسى ئېلان قىلىندى
50 – نۆۋەتلىك 7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى باياننامە ئېلان قىلىنىش بىلەن ئاخىرلاشتى.