ياپونىيە خىتاي تەھدىتىگە قارشى ئوگاساۋارا ئاراللىرىغا چارلاش پاراخوتى ئورۇنلاشتۇرىدۇ

ياپونىيە ئەڭ جەنۇبىدىكى ئوگاساۋارا ئاراللىرىغا خىتاي تەھدىتىگە چارلاش پاراخوتى ئورۇنلاشتۇرىدىغان بولدى.

1580274
ياپونىيە خىتاي تەھدىتىگە قارشى ئوگاساۋارا ئاراللىرىغا چارلاش پاراخوتى ئورۇنلاشتۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيەنىڭ دۆلەتلىك تاراتقۇسى «NHK»نىڭ دېڭىز ساھىلى مۇھاپىزەت ئەترىتىنى مەنبە كۆرسەتكەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئوگاساۋارا ئەتراپىدىكى دۆلەتلىك دېڭىز تەۋەلىكىدە خىتاي پاراخوتلىرىنىڭ تەھدىت سېلىش خاراكتېرلىك ھەرىكەتلىرىدىن كېيىن، چارلاش پاراخوتى ئورۇنلاشتۇرۇش قارارى ماقۇللانغان.

قارارغا بىنائەن دېڭىز ساھىلى مۇھاپىزەت ئەترىتىگە تەۋە 180 توننىلىق چارلاش پاراخوتى «مىكازۇكى» ئوگاساۋارا ئارىلىغا ئۇرۇنلاشتۇرۇلىدىغان بولدى.

خەۋەردە، چارلاش پاراخوتى ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق تەھدىتلەرگە تېز سۈرئەتتە ئىنكاس قايتۇرۇشنىڭ ئىشقا ئاشۇرىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئوگاساۋارا ئارىلى ئەتراپىدا دۆلەتلىك دېڭىز تەۋەلىكىدىكى پائالىيەتلەرنى نازارەت قىلىدىغان ئارالدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئوفېتسىرلارنىڭ سانىمۇ 3 ھەسسە كۆپەيتىلىدىغان بولدى.

دېڭىز ساھىلى مۇھاپىزەت ئەترىتى يەنە، ئاراللار ئەتراپىدىكى ياپونىيەگە تەۋە ئىقتىسادىي رايوندا خىتايغا ئائىت بىر پاراخوتنىڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر