تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن ئەسەد ھاكىمىيىتى ئۇنسۇرلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى
سۈرىيەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ھاسەكى ناھىيەسىدە ئەسەد ھاكىمىيىتى كۈچلىرى بىلەن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ ئۇنسۇرلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى.
1574680
![تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن ئەسەد ھاكىمىيىتى ئۇنسۇرلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/d62f/d460/623e/6006ed20662d0.jpg?time=1718874428)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ھاسەكى ناھىيەسىدە ئەسەد ھاكىمىيىتى كۈچلىرى بىلەن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ ئۇنسۇرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى «مۇھاسىرە» يۈزىسىدىن يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا ئەسەد تەرەپنىڭ بىر ئەسكىرى جېنىدىن ئايرىلغانلىقى، تۆت ئەسكىرىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.