رۇھانى: ئامېرىكا ئىشقا يارىمايدىغان جازالىرىنى تارىخ مۇزېيىغا قويۇشى كېرەك

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى ئىرانغا قارىتا «ئەڭ ئېغىر بېسىم ئىشلىتىش» سىياسىتىنى يولغا قويغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

1545962
رۇھانى: ئامېرىكا ئىشقا يارىمايدىغان جازالىرىنى تارىخ مۇزېيىغا قويۇشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى ئىرانغا قارىتا «ئەڭ ئېغىر بېسىم ئىشلىتىش» سىياسىتىنى يولغا قويغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى، ۋاشىنگىتوننىڭ جازا سىياسىتىنى «تارىخ مۇزېيى» غا قويۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

ئىران پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، پىرېزىدېنت ھەسەن رۇھانىنىڭ پايتەخت تېھراندا ئۆتكۈزۈلگەن ئىقتىسادىي ماسلاشتۇرۇش كومىتېتى يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئامېرىكانىڭ تېھرانغا قاراتقان بىر تەرەپلىمە جازا سىياسەتلىرى توغرىسىدا توختالدى.

رۇھانى ئېمبارگولارنىڭ ئىران ئىقتىسادىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى، ئەمما دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ ۋەيران بولمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئىران ئىقتىسادىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يىمىرىلىدىغانلىقىنى ئارزۇ قىلىپ ئېمبارگو يۈرگۈزگەنلەر ۋە ئۇرۇش دەللاللىرى ئاقسارايدىن ئايرىلىۋاتقان پەيتلەردە ئىران خەلقى تەڭپۇڭسىز ئىقتىسادىي ئۇرۇشتا ئىلگىرىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن كۈچلۈك ئورۇنغا ئىگە بولدى» دېدى.

ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە ئىرانغا قارىتا قاتتىق پوزىتسىيە تۇتقان ترامپنى ئەيىبلىگەن رۇھانى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ترامپ ئىراننىڭ ئىقتىدارى ۋە ئەمەلىي ئەھۋالىنى تونۇپ يېتەلمەي، ئۆزىنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئىش قىلدى. ئىككى يېرىم يىل داۋاملاشقان كەڭ كۆلەملىك ئىقتىسادىي ئۇرۇشتىن كېيىن، ئىران ۋە خەلقئارا سىياسەتتە مەغلۇپ بولۇشى، ئۇنىڭ سايلامدا مەغلۇپ بولۇشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرىدۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر