دۇنيادا يۇقۇملانغانلار سانى 70 مىليوندىن ئاشتى

دۇنيادا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن جېندىن ئايرىلغانلار 1 مىليون 588 مىڭ 750 دىن، يۇقۇملانغانلار سانى 70 مىليون 735 مىڭدىن ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلار سانى 49 مىليون 166 مىڭدىن ئاشتى.

1543704
دۇنيادا يۇقۇملانغانلار سانى 70 مىليوندىن ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيادا ۋابانىڭ مەركىزىگە ئايلانغان ئامېرىكادا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 299 مىڭ 692 گە، يۇقۇملانغانلار 16 مىليون 39 مىڭ 300 گە چىقتى.

ئامېرىكا يېمەك-ئىچمەك ۋە دورا شىركىتى(FDA)  نىڭ مۇتەخەسسىسلەر كېڭىشى فايزېر (Pfizer) ۋە بىيونتېك (BioNTech) نىڭ ھەمكارلىقىدا تەتقىق قىلىپ ياسالغان ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسىنى ئەملەشكە رۇخسەت قىلدى. 3-نويابىردا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان جو بايدىن بۇ ھەقتە توختىلىپ: «قاراڭغۇ مەزگىلدە پارلاق نۇر» دېدى.

ئەنگلىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن يېقىنقى 24 سائەتتە 516 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 63 مىڭ 82 گە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 20 مىڭ 964 كىشى يۇقۇملاندى. بۇنىڭ بىلەن، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 1 مىليون 787 مىڭ 783 كە چىقتى.

ئەنگلىيەدە 11 ياشتىن 18 ياش ئارىسىدىكىلەر ئارىسىدا يۇقۇملىنىشنىڭ ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەنلىكى، پايتەخت لوندوننىڭ يۇقۇم ئەڭ كۆپ تارقالغان جاي ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 297 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان فىرانسىيەدە، جەمئىي سان 56 مىڭ 940 قا چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 13 مىڭ 750 كىشىنىڭ يۇقۇملىنىشى بىلەن جەمئىي سان 2 مىليون 337 مىڭ 966 گە چىقتى.

ئىتالىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە 887 كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 62 مىڭ 626 گە چىقتى. ئوخشاش ۋقىتتا، يۇقۇملانغانلار 16 مىڭ 999 كىشى ئېشىپ، 1 مىليون 787 مىڭ 147 گە چىقتى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 112 مىڭ 326 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان مېكسىكادا، خىتاي دورا شىركىتى كەنسىنو (CanSino) دىن 35 مىليون شىشە ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسى  سېتىۋېلىش ئۈچۈن كېلىشم ئىمزالاندى.

ئاسيا قىتئەسىدە ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان ھىندىستاندا، ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 142 مىڭ 200 دىن، يۇقۇملانغانلار 9 مىليون 796 مىڭ 900 دىن ئاشتى.

ئافرىقا قىتئەسىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 55 مىڭ 357 گە، يۇقۇملانغانلار 2 مىليون 339 مىڭ 316 گە چىقتى. ئافرىقا كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزى ئافرىقانىڭ 750 مىليون شىشە ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسىغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 22 مىڭ 747 گە، يۇقۇملانغانلار 836 مىڭ 764 كە چىقتى.

مىسىردا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 6 مىڭ 854 كە، يۇقۇملانغانلار 120 مىڭ 147 گە چىقتى.

ماراكەشتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 6 مىڭ 492 گە، يۇقۇملانغانلار 391 مىڭ 529 غا چىقتى.

بەزى دۆلەتلەردىكى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم سانلىرى تۆۋەندىكىچە:

بىرازىلىيە 179 مىڭ 801، ئىسپانىيە 47 مىڭ 344، ئارگېنتىنا 40 مىڭ 431، كولومبىيە 38 مىڭ 484، پېرۇ 36 مىڭ 499، پولشا 21 مىڭ 630، گېرمانىيە 21 مىڭ 233، بېلگىيە 17 مىڭ 692، چىلى 15 مىڭ 774، ئۇكرائىنا 14 مىڭ 470، ئېكۋادور 13 مىڭ 850، كانادا 13 مىڭ 109 ۋە رۇمېنىيە 12 مىڭ 948.

ئىراندا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 51 مىڭ 496 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 1 مىليون 83 مىڭ 23 كىشى يۇقۇملاندى.

رۇسىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 45 مىڭ 280 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 2 مىليون 569 مىڭ 126 كىشى يۇقۇملاندى.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 6 مىڭ 12 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 359 مىڭ 415 كىشى يۇقۇملاندى.

ئۇمماندا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 1 مىڭ 463 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 125 مىڭ 669 كىشى يۇقۇملاندى.

كۈۋەيتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 905 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 145 مىڭ 204 كىشى يۇقۇملاندى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 602 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 181 مىڭ 405 كىشى يۇقۇملاندى.

بەھرەيندە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 347  كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 88 مىڭ 495 كىشى يۇقۇملاندى.

قاتاردا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 240 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 140 مىڭ 516 كىشى يۇقۇملاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر