دونالد ترامپ: سايلامدا ئالدامچىلىق بار، بۇ ئەھۋال دۆلىتىمىز ئۈچۈن نومۇس

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 3 - نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ ئالدامچىلىققا تولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: «بۇ ئەھۋال دۆلىتىمىز ئۈچۈن نومۇس، خۇددىي بىز ئۈچىنچى دۇنيا دۆلىتىدەك» دېدى.

1541552
دونالد ترامپ: سايلامدا ئالدامچىلىق بار، بۇ ئەھۋال دۆلىتىمىز ئۈچۈن نومۇس

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ئىشخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا چېلىش ماھىرى دان گايبېلغا «ئەركىنلىك ئوردېنى» تەقدىم قىلىش مۇراسىمىدا مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، 3 - نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا ئۆزىنىڭ ئۇتۇپ چىققانلىقىغا دائىر قاراشلىرىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە: «بۇنى ھەممەيلەن بىلىدۇ» دېدى.

پىرېزىدېنت ترامپ سايلام نەتىجىسى توغرىسىدا ئاخىرقى قارارنى چىقىرىدىغان سايلام كېڭىشىنىڭ كېلەر ھەپتە بېلەت تاشلايدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەنلىكىگە قارىتا: «بۇ سايلامدا ئالدامچىلىق بار، نۇرغۇن ئىشتاتلارغا قارىسىڭىز، سايلامنىڭ پۈتۈنلەي ئالدامچىلىققا تولغانلىقىنى كۆرىسىز. بۇ ئەھۋال دۆلىتىمىز ئۈچۈن نومۇس، خۇددىي بىز ئۈچىنچى دۇنيا دۆلىتىدەك» دېدى.

بۇ جەرياندا، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ بىر قىسىم پالاتا ئەزالىرى سايلامدىكى چىرىكلىكنى ئىلگىرى سۈردى ۋە ئاۋام پالاتاسىدا سايلام كېڭىشىنىڭ بېلەتلىرىنىڭ تەستىقلىنىشىغا قارشى چىقىپ، سايلامنى ترامپقا پايدىلىق ھالغا كەلتۈرۈش سەپەرۋەرلىكى باشلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر