ترامپ: ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو بىلەن كۆرۈشۈشنى ئويلىشىمەن

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرونىڭ ئۆزى بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1440583
ترامپ: ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو بىلەن كۆرۈشۈشنى ئويلىشىمەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرونىڭ ئۆزى بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «مادۇرو كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ ۋە مەنمۇ كۆرۈشۈشلەرگە قارشى ئەمەسمەن. ناھايىتى ئاز ساندىكى كۆرۈشۈش تەكلىپىنى رەت قىلدىم. بۇنى ئويلىشىمەن» دېدى.

پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ئامېرىكانىڭ ئاكسىئوس قانىلىنىڭ سۆھبەت پىروگراممىسىدا سوئاللارغا جاۋاب بېرىش جەريانىدا، دۆلىتى بىلەن ۋېنېزۇئېلا ئوتتۇرىسىدىكى سوغۇقچىلىق توغرىسىدىمۇ توختالدى.

ئۇ، سابىق دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جون بولتوننىڭ قوللىشى بىلەن ۋېنېزۇئېلادا ئۆزىنى مۇۋەققەت پىرېزىدېنت دەپ ئېلان قىلغان خۇەن گۇايدو بىلەن ھېچقانداق بىر باغلىنىشلىقى يوقلۇقىنى ئەسكەرتىپ، «ئۇنىڭ بىلەنمۇ بولىدۇ، ئۇنىڭسىز بولىدۇ، بىراق، ۋېنېزۇئېلادا يۈز بەرگەن ئىشلارغا قەتئىي قارشىمەن» دېدى.

گۇايدونىڭ سايلانغان بىرى ئىكەنلىكىنى، بىراق ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا بەك ئىجابىي قارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ترامپ، «بەزى كىشىلەر ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ، بەزىلىرى ياخشى كۆرمەيدۇ. شۇڭا ھەر ئىككى تەرەپ ئۇنچىۋالا چوڭقۇر مەنە ئىپادىلەپ كەتمەيدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ترامپ، ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو بىلەن ئىشقا ئاشقۇسى بىر ئۇچرىشىشقا قانداق قارايدىغانلىقى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا « مادۇرو كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ ۋە مەنمۇ كۆرۈشۈشلەرگە قارشى ئەمەسمەن. ناھايىتى ئاز ساندىكى كۆرۈشۈش تەكلىپىنى رەت قىلدىم. بۇنى ئويلىشىمەن» دەپ جاۋاب بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر